Yalghuz kishilik olturush(一个人的聚会)

作词 : Rahmanjan Awut Ozhal
چېيى يوق پىيالە بولسىلا يېتەر
مەن ئۇنى قەدەھ دەپ خىيال قىلسام بەز
سىردىشىم شۇ دەمدە غېرىپ دۇتاردۇر
دۇتارنىڭ ئۈنىدە قەلبىم بۇلار پەس
سازىمنى چالىمەن ، ئېھتىيات بىلەن
خوشنىلار سەزمەستىن ئاڭلىغاي ئۇنى
ھەممىنى ئال دۇنيا ساڭىلا بېرەي
قىزغىناي مۇڭ باسقان غېرىپ كۈيۈمنى
ساز ماڭا جاناندۇر
مەيدۇر  كەيپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان
مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم
ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
ئۈلپەتكە مۇھتاجمەن  ئىنسانغا ئەمەس
مەن بىلەن مۇڭداشقىن دىلكەش دۇتتارىم
ئۇنتۇپ كېتەرمەن دۇنيانى تامام
يالغۇز مۇڭ ئۈنىدە يوقتۇر  ئازارىم
مەن سازغا مېھمانمەن ئۇ ماڭا مېھمان
تەرىپلەش يا ئالقىش ھەچيادەرت ئەمەس
مالدۇنيا شانشۆھرەتكە قۇل بولما كۆڭلۈم
ھاياتنڭ ئوڭ سولى ئۇنۇڭدا ئەمەس
ساز ماڭا جاناندۇر
مەيدۇر  كەيپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان
مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم
ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
ساز ماڭا جاناندۇر
مەيدۇر  كەيپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان
مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم
ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
00:00
05:29