Kutux

*No Scroll*
作曲 : Jurat Tursun
作词 : Ablikim Xirzat
كۈتۈش بىلەن ئۈتۇپتۇ كۈنۈم
شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى
كۆيدى يۈرەك كۆيدى ۋۇجۇدۇم
ھەسرەتلەردىن بۇلالماي نېرى
تۇرۇپ كەلدىم ۋەدەمدە ھامان
كۈتۈشلەردىن ۋاز كەچمەي پەقەت
ئۆرتەنسىمۇ باغرى ئاشىقنىڭ
مەشۇقىدىن تىلەرگەن شەپقەت
مەيلى يەنە كۈتەي بېغىشلاپ
كۈتۈشلەرگە ھىچنىمەيەتمەس
گەر ئازابىلىق بولسىمۇ سۆيگۈ
ئاشىقلارغا بىردەملىك ئەمەس
غېمىم يوقتۇر تەشۋىشىم يوقتۇر
كۈتۈشلەرگە يارالغاچ ئۆزۈم
شۇنىڭ ئۈزى بەخىتتۇر ماڭا
كۈتۈش بىلەن يۇمۇلار كۈزۈم
00:00
05:02